خىتايغا قارشى تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتايغا قارشى تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى 24-سېنتەبىر ئاقسارايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىش «خىتايغا قارشى تۆت دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى» دەپ ئىزاھلانغان.

يىغىنغا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندىرا مودى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىخىدې ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا خىتاي ۋىرۇسى، كىلېمات ئۆزگىرىشى، بىخەتەرلىك، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىش بۇ يىل مارت ئېيىدا تۆت دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تور يىغىنىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە جەم بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بايدېن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلەپ، تۆت رەھبەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى مۇھىم خىرىسلارنى دېموكراتىك كەلگۈسىگە ئورتاق قاراش ۋە ھەمكارلىشىش بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە تۆت دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى رەھبەرلەر، ئىجادكارلار ۋە يول ئاچقۇچىلارغا سالغان مەبلەغكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېن سۆزىدە يەنە: «بىز ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋىتى تارىخىدا يېڭى بەت ئاچىمىز، بىز بىرلىكتە دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەڭ چوڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىمىز» دېگەن. مودى بولسا تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەرشارىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنياغا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.

مودى يىغىندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدىكى باياناتىدا: «بىز بايدېن بىلەن پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئۇچرىشىشتا بولدۇق. بايدېننىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرگە بولغان رەھبەرلىكى ماختىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىز ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەدىكى ھەمكارلىقنى قانداق كېڭەيتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسونمۇ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيانغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەپ، ھەر ۋاقىت بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا بولسا بۈگۈنگە قەدەر تۆت تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ رايون خاراكتېرلىك رىقابەت ياكى خىتاي ۋىرۇسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1105 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2021 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق