مېڭ ۋەنجوۋ بىلەن ئىككى كانادا پۇقراسى ئوخشاش بىر كۈندە قويۇپ بېرىلدى

كانادا تاراتقۇلىرى مېڭ ۋەنجوۋنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، خىتايغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى كانادا پۇقراسىمۇ قويۇپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا، كانادالىق مايكىل كوۋرىگ ۋە مايكىل سىپاۋورنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ، ئۆيىگە قايتىش يولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىككى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرغان ئىككى كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي گەرچە ئىككى كانادا پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ مېڭ ۋەنجوۋ دېلوسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تىرۇدونىڭ ئەركىنلىك پارتىيەسى خىتاينى تۇتقۇن قىلىش دىپلوماتىيەسى بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي بۇ يىل مارت ئېيىدا ئىككى كانادالىققا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قانۇنسىز تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئايرىم سوت ئاچقان. بۇ يىل 8-ئايدا خىتاي سوتى مايكىل سىپاۋورنى ئەيىبلەپ، 11 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. بۇ قېتىم ئىككىيلەن قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن مايكىل كوۋرىگغا تېخى جازا ئېلان قىلىنمىغان.

مايكىل كوۋرىگ كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا دىپلومات بولۇپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ۋاقىتلىق ئىستېپا بەرگەن ۋە خەلقئارا كىرىزىس تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە خىتاينى زىيارەت قىلىش داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە كولومبىيەدىكى بىر سوتچى جۈمە كەچتە مىڭ ۋەنجوۋغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنىڭ شەرتلىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، مېڭ ۋەنجوۋ بايانات ئېلان قىلىپ، دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە «نەزەربەندتە تۇرغان ئۆتكەن ئۈچ يىلدا مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى» دېگەن.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا مېڭ ۋەنجوۋنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سودىلىشىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەمما مېڭ ۋەنجوۋ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ تىرىشچانلىقلار توختاپ قالغان. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە خىزمەتچىسىنى سەپلىگەن بولغاچقا، ئەمەلدارلار يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ مەسىلىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرگەن. مېڭ ۋەنجوۋنىڭ ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەش بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنى خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرغان بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كېلىشىمنى «تەسلىم بولغانلىق، خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ» دەپ قارىغان. مېڭ ۋەنجوۋنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمى پارلامېنتتا كۈچلۈك قارشىلىقنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى بايدىن ھۆكۈمىتىنى «سابىق پىرېزىدېنت تىرامپقا سېلىشتۇرغاندا خۇاۋېيغا بەك كەڭ قورساقلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

49 ياشلىق مېڭ ۋەنجوۋ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېينىڭ قىزى بولۇپ، ئۈچ يىل ئىلگىرى ۋانكوۋېردا ئايروپىلان ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 2018-يىلى خوجايىنى بىلەن بىرگە ئەيىبلەنگەن. جىنايىتى بولسا ئۇ 2013-يىلى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بانكىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىغا خىلاپلىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 1199 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2021 19:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق