خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە ئالاقىدار بۇيۇملارنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارىغا كىرگۈزدى

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىغا ئالاقىدار بىر قىسىم تارىخىي بۇيۇملارنى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ،  قانخورلۇقى بىلەن تونۇلغان ۋاڭ جىننىڭ ئولتۇرغان جىپ ماشىنىسىمۇ 1-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلىپ بېكىتىلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇزېي ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى باشقارمىسى 22-سېنتەبىر 2-تۈركۈمدىكى ئاتالمىش «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 31 ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە 253 پارچە (يۈرۈش) يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، يۆتكىگىلى بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى»، «شىنجاڭ ئۆلكە بانكىسىنىڭ ئەسلى ئورنى»، «1-قىزلار ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپىنىڭ ئەسلى ئورنى» قاتارلىقلار ئىكەن. يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە خىتاي ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدە ۋە  كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن، قانخورلۇقى، ۋەھشىيلىكى بىلەن تونۇلغان ۋاڭ جىننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە ئولتۇرغان جىپ ماشىنىسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ ئېلانى، جاڭ كەينىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خىتاي رېجىمى تارىختىن بېرى، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مەسچىت، مەدرىسىلەرنى، مەھەللىلەرنى، تارىخىي ئىزنالارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى ئالاھىدە قوغداپ، كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاڭ جىنغا ئوخشاش تارىخىي جىنايەتچىلىرىنى ئالاھىدە خاتىرىلەش ئارقىلىق، 70 نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررور سىياسىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچەيتىۋاتقان قىزىل تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2021 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق