ئامېرىكىدا ئىلگىرى ئافغانىستانغا ئاجراتقان خىراجەتنى خىتايغا قارشى ئىشلىتىش تەكلىپى سۇنۇلدى

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى 23-سېنتەبىر يېڭى تەكلىپ سۇنۇپ، ئافغانىستان ئارمىيەسى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان خىراجەتنى خىتايغا قارىشى رىقابەتكە ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «تەييارلىق ۋە رىقابەت كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىش قانۇنى» ناملىق مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio)ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەشلى ھىنسون(Ashley Hinson)بىرلىكتە سۇنغان.

ماركو رۇبىيو «ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسى ئارقىلىق بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ ماقالىسىدە پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئامېرىكا ئەڭ ئۇزۇن قاتناشقان ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن ئامېرىكىنىڭ بايلىقىنى خىتايغا قارشى رىقابەتكە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق پىلانىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

رۇبىيو پەيشەنبىدىكى باياناتىدا: «ئامېرىكىنىڭ ياردىم خىراجىتىنى ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن يۆتكەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان كوممۇنىست خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ باياناتىنىڭ داۋامىدا يەنە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئاكتىپلىق بىلەن خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش چىقىمى تۈرىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا ئىككى تىرىليون 300 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان. بۇ رەقەم بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 123 مىڭ كىشىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈش چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پەيشەنبە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە، تالىبان ھەققىدە توختىلىپ: «تالىبانلارغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا چوقۇم توختىتىلىشى، ئافغانىستانغا قارىتىلغان تۈرلۈك بىر تەرەپلىمە جازا ياكى چەكلىمىلەرنى تېزدىن بىكار قىلىش كېرەك» دېگەن.

ۋاڭ يى سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە: «تالىبانلار ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بازا تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن بولغان چېگرانى ئېنىق ئايرىشى، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان ئالدىنقى ئايدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كابۇل ھاكىمىيىتىنىڭ مىليارد دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى توڭلاتقان. دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىمۇ ئافغانىستاندىكى تەرەققىيات مەبلىغىنى توختاتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەبلەغ توڭلىتىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت تالىبانلارنى ئۆزئارا سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، ئىسلامىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2021 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق