ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە ئالاقىدار يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 23-سېنتەبىر «دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتى بەش بۇرجەكلىك بىنانى يېتەرلىك خىراجەت بىلەن تەمىنلەپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ئىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىگە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش، ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار تۈزىتىش لايىھەسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كەچتە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يېڭى مالىيە يىلىدىكى مۇداپىئە چىقىمى قانۇن لايىھەسى 316 بېلەتنىڭ قوللىشى، 113 بېلەتنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 38 دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزاسى ۋە 75 جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتاسى تەييارلىغان «2022-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ نىشانى بەش بۇرجەكلىك بىنانى يېڭى مالىيە يىلىدا 778 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خامچوت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەت قىلىش ئىكەن. بۇ خىراجەت بايدېن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان خامچوت تەلىپىدىن 25 مىليارد دوللار كۆپەيگەن.

«دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىقتىدار ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىنى ياخشىلاشقا خىراجەت ئاجرىتىشقا ھوقۇق بېرىدىكەن. يېڭى مالىيە يىلى ھەربىي چىقىمىدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلغاندىن باشقا، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «تىنچ ئوكيانغا تەھدىتى تەشەببۇسى»غا 6 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق خامچوت ئاجرىتىلغان.

بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇر ۋە تور بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كۈچەيتىپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا تور ئۇچۇر تەھدىتىنى مەركەزلىك باشقۇرۇش مەقسىتىدە يېڭى ئۇچۇر ئىشخانىسى قۇرۇپ چىقىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈن قوشۇمچە 50 مىليون دوللار ئاجرىتىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ 1300 بەتتىن ئاشىدىغان مۇداپىئە چىقىمى قانۇن لايىھەسىنىڭ كۆپ قىسىم مەزمۇنى خىتايغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1033 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2021 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق