ئەھمەد داۋۇتئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىننى دوختۇرخانىدا زىيارەت قىلدى

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، ھازىرقى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەھمەد داۋۇتئوغلى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنقەرەدە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىننى زىيارەت قىلدى.

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، داۋۇتئوغلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 23-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئەنقەرەدە تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىننى دوختۇرخانىدا يوقلاپ ھال سورىغان.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەھمەت داۋۇتئوغلىنىڭ زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، داۋۇتئوغلى باش مىنىستىرلىك مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ئىككى قېتىملىق زىيارىتى ۋە تەسىراتىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.

ئەھمەت داۋۇتئوغلى سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان زىيارەتتە ئەھمەت داۋۇتئوغلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچەك پارتىيەسىنىڭمۇ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دەۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

داۋۇتئوغلى يەنە دوختۇرلاردىن ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، يېقىندا بالنىستتىن چىقىپ گېرمانىيەگە بېرىپ داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلغان.

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2021 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق