تەيۋەننىڭ يېڭى ئىلتىماسى سەۋەبلىك ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى

تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى 23-سېنتەبىر تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (CPTPP) گە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى رەسمىي تاپشۇرغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى لو بىڭچېڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە سودا تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى،  كۆپىنچە ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ سودا كۆلىمىنىڭ %24 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا تەيۋەننىڭ خەلقئارا سودىنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ۋە ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە 11 ئەزا دۆلەت بار بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ئەنگلىيە ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان. نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا قىزىقىدىغان كورىيە، تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن. خىتايمۇ ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر ھەمكارلىققا قاتنىشىش ھەققىدە رەسمىي ئىلتىماس سۇنغان.

خىتايدىكى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تەيۋەننىڭ رايون ۋە شەھەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىنىڭ چوقۇم بىر خىتاي پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى، دېموكراتىك گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەت بوشلۇقنى كېڭەيتىشىگە، ئىقتىساد ۋە سودا باھانەسى بىلەن «مۇستەقىللىق» يولىغا مېڭىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ھەرىكىتى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ 23-سېنتەبىردىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەيۋەننىڭ تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىككە قوشۇلۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق كېلىشىم، تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي ئالاقە قۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جار سالغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى قايتىدىن كۈچەيتكەن بولۇپ،  شۇ كۈنى خىتاي تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 24 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1061 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق