شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېخىمۇ كېڭەيتىلمەكتە

خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا خىتاينىڭ زاۋۇت-كارخانىلىرىنى كۆپلەپ قۇرغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نەچچە يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بورتالا شەھىرىدە ئاتالمىش «چېگرا ھەمكارلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى» نامىدا سانائەت باغچىسى رايونى قۇرۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنى ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن كىرگۈزگەن ۋە مەزكۇر سانائەت رايونىدا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش، ئالتۇن پىششىقلاش، تاش ماتېرىياللىرى ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىقلار كەسىپلەرنى كۆپەيتكەن. خىتاي ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا 23 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى مەزكۇر زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بورتالا ئوبلاستى بويىچە خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 280 دىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ بورتالا ئوبلاستىغا خىتاي شىركەتلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلاردا يەرلىك خەلقنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شەھەر-بازارلاردىكى خىتاي كارخانىلىرىدا 66 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان ھەمدە ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن 328 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازاسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن، پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا خىتاي كارخانىلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يەرلىك خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ داۋاملىق زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2021 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق