ياۋروپا سودا ئۇيۇشمىسى خىتايغا چاقىرىق قىلدى

ياۋروپا سودا ئۇيۇشمىسى خىتاينىڭ شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان سودىدا ئۆزىگە تايىنىشنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر سودا ئۇيۇشمىسى 23-سېنتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سودا جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشكە قاراپ بۇرۇلۇشىدا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ يۈزلىنىشنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يورگ ۋۇتكې(Joerg Wuttke)مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي كونتروللۇق ئارزۇسى ۋە قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا، چەت ئەل بازىرى ۋە تېخنىكىسىغا تايىنىشنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشنى ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپنىڭ چوڭقۇرلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا يەنە: «گەرچە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تەننەرخى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ھېس قىلىنمىسىمۇ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن ۋە خىتاي نۆۋەتتە يولغا قويۇشقا باشلىغان "قوش ئايلىنىش" ئىستراتېگىيەسىنىڭ خىتايدا چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئازىيىشىنى، بايلىق تەقسىملەشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىنى ۋە چەت ئەلنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتايدىن ياۋروپالىقلارغا قارىتىلغان، ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ۋە ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، بۇ مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇھىم مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشى سەۋەبلىك ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇنىڭغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.

بۇ خەۋەر 611 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2021 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق