ئامېرىكا ئەمەلدارى: خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش كېرەك

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشى ۋە تەشۋىقات ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى گىلېن ۋانھېرك (Gen. Glen VanHerck) 21-سېنتەبىر ھاۋا ئارمىيەسى ئۇيۇشمىسى ساھىبخانلىق قىلغان يىغىندا: «ئامېرىكىنىڭ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشى ۋە تەشۋىقات ئۇرۇشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىز خەتەردىن ساقلىنىشقا زىيادە دىققەت قىلىمىز. ئەمما بىز تېخىمۇ يۈرەكلىك بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

گىلېن ۋانھېرك بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇچۇر ئۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنىڭ چوقۇم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ۋە ئاقساراينىڭ ئىجازىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ناھايىتى ئاستا بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە: «ئامېرىكا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يادرو قورالىغا بەك تايىنىۋاتىدۇ. ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش يەنە ئۇچۇر ئۇرۇشى ۋە قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق دۈشمەننىڭ كۈندە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يوشۇرۇن تەھدىتىنى توسۇشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ساختا ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات جىنايەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا تەييارلىق كۆرمىگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە، سۆز ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇر جېڭى قوزغاپ، كۈلرەڭ رايونلاردا ۋە ئادەتتىن تاشقىرى جەڭ مەيدانلىرىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 576 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2021 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق