بىر نەچچە دىنىي ئاتالغۇنىڭ تىلىمىزدىكى ئىستېمال مەنىسى

بىر نەچچە دىنىي ئاتالغۇنىڭ تىلىمىزدىكى ئىستېمال مەنىسى

 

1. داموللا - ئالىي دەرىجىلىك دىنىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدەررىسى، دىنىي بىلىمى مول ۋە چوڭقۇر كىشى.

2. شەيخ - ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بىلىملىك كىشىلەر، ئالىملار، ئۆلىمالار ۋە دىنىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدەررىسلىرىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان؛ تەرىقەت خانىقاسىنىڭ باش دەرۋىشى.

3. ئەللامە – ئىلىم-پەننىڭ بىر ياكى بىر نەچچە ساھەسىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن بىلىملىك ئادەم؛ مەلۇم ئىش، مەلۇم ساھەنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان كىشى.

4. ئۆلىما - ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق تەلىماتلىرىنى بىلىدىغان، دىنىي جەھەتتىن يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولغان كىشى، دىنىي ئالىم.

5. دەرۋىش - مال-دۇنيادىن كېچىپ، خۇداگۇيلۇق بىلەن خانىقادا ياكى مەلۇم بىر ئىبادەت ئورنىدا ئىستىقامەت بىلەن ياشىغۇچى كىشى، سوپى. كۆچمە مەنىسى تەركىدۇنيا بولۇپ يۇرت كەزگۈچى، جاھانكەزدى.

6. ئىستىقامەت - ۋاقتىنى بىرەر جايدا ئاللاھغا سېغىنىش، تاۋاپ قىلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش ياكى ئاللاھغا تېۋىنىش بىلەن ئۆتۈش؛ بىرەر جايدا ياشاش، تۇرۇش، ھايات كەچۈرۈش.

7. ئېتىكاپ - مەسچىت ياكى خالىي ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كىرىۋېلىپ قىلىدىغان بىر خىل يوشۇرۇن ئىبادەت شەكلى.

8. سوپى- ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە سوپىزم يولىنى تۇتقان كىشى؛ ياخشى-يامان ئىشلاردىن قول ئۈزگەن، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى توختاتقان كىشى.

9. سوپىزم - 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ئىسلام دىنىدىكى مىستىكىلىق، تەركىدۇنياچىلىق ئېقىمى.

10. تەرىقەت - ئومۇمەن سوپىلىق يولى، سوپىلىقنىڭ تارماق باسقۇچى. تەرىقەت يولىغا كىرگەنلەر بۇ دۇنيالىقتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، زاھىد بولۇپ ھەممىدە ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىش، كەمبەغەل ياشاش، باشقىلارنىڭ خەير-ئېھسانلىرى بىلەن پېقىرلەرچە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

11. تەسەۋۋۇپ - ئىلاھ ۋە ئىلاھىي كۈچلەرگە، ئادەمنىڭ ئىلاھ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت دىنىي ئېتىقاد، مىستىكا.

12. خانىقا - ئىشان، سوپىلارنىڭ توپلىشىپ، بىرلىكتە زىكىرگە چۈشىدىغان، زىكىر-ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى، ئورنى؛ بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ سېلىنغان چوڭ مەسچىت؛ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان، ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۈمبەزلىك خانىسى.

13. شەرىئەت – قۇرئان كەرىم ئاساسىدا تۈزۈلگەن قانۇن-قائىدىلەرنىڭ جۇغلانمىسى، ئىسلام دىنى قانۇنى.

14. زىكىر - ئەسلەش، خاتىرىلەش، سۆزلەش، تىلغا ئېلىش؛ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر باشلامچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھالقا شەكىللىك يۇمىلاق بولۇپ ئولتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ياكى ئۆتكەن ئەۋلىيالارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، تەسۋى سىيرىپ ياكى دۇئا-تەكبىر ئوقۇپ ئۆتكۈزىدىغان مۇراسىمى.

15. ئىشان - ئىسلام دىنىنىڭ سوپى ئېقىمىغا مەنسۇپ دىنىي ئۆلىما، تەرغىباتچى.

16. دىيانەت - كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ۋىجدان، ئىنساب، ئىشەنچ، پاكلىق؛ دىنىي قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىش، دىندارلىق، تەقۋادارلىق.

17. رىيا (رىياكار) - ئۆزىنى يالغاندىن ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش، ساختىپەزلىك، ئىككى يۈزلىمىلىك، مۇناپىقلىق.

18. زاھىت – تەركىدۇنيا بولۇپ، دۇنيانىڭ راھەت - پاراغەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، تائەت-ئىبادەتكە بېرىلگەن ئادەم.

19. كۇپۇر - ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىش؛ ئاللاھغا، دىنغا شەك كەلتۈرۈش؛ ئىشەنمەسلىك.

(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىن ئېلىندى. چەكلىمىلەر تۈپەيلى كىتابتىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىدا تۈزىتىشكە، تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇستازلارنىڭ تولۇقلىما بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)

20. جىھاد - «جىھاد» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدىكى «جھد» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، لۇغەتتىكى مەنىسى كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىش، ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. تىرىشىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە بولۇپ، بىرىنچى قاتلامدىكى مەنىسى شەخسنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى، ئىككىنچى قاتلامدىكى مەنىسى شەخسنىڭ ماددىي تىرىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

جىھاد ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش ياكى دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

جىھادنىڭ ھۆكۈمى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، نەپسكە ۋە شەيتانغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەمما تاجاۋۇزچىلارغا، مۇناپىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەللامە ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «جىھاد تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: نەپسكە قارشى كۈرەش قىلىش، شەيتانغا قارشى كۈرەش قىلىش، كاپىرلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە مۇناپىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتۇر».

«الجھاد» سۆزى قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەنىدە كەلگەن:

1) ئاللاھ يولىدا قولغا قورال ئېلىپ غازات قىلىش. ]مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلار، ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ[

2) ھەقىقەتنى جاكارلاپ، نۇتۇق ۋە يازمىلار بىلەن كۈرەش قىلىش. ]قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن[

3) ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. ]كىمكى (ياخشى ئەمەللەرنى ئورۇنداش يولىدا) تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بۇ تىرىشچانلىقى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر[

(ئۇستاز ئەللامە مۇھەممەت يۈسۈپ داموللا ئىزاھاتىدىن)

 

تەييارلىغۇچى: ئالماس ھاجى

2021-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 953 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2021 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق