خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھىندىستاننى نىشانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ھىندىستاننىڭ بىر مېدىيا گۇرۇھى، ساقچى ئىدارىسى ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ ئىقتىسادىي قوللىشىغا ئېرىشكەن خىتاي خاككېرلىرى ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تور ھۇجۇمىنى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىغا جايلاشقان تور بىخەتەرلىك شىركىتى Insikt نىڭ تەتقىقات مەركىزى بايقىغان. بۇ ھۇجۇمدا Winnti ناملىق يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى پەقەت خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى بىر قانچە خاككېرلار گۇرۇپپىسىلا ئىشلىتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ تور ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تور ھۇجۇمى ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگراسىدىكى جىددىيچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھىندىستان ۋە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ھىمالايا چېگراسىدا ئۇزۇندىن بۇيان جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز ئادەم ئۆلگەنىدى.

خاتىرىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى خىتاينىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلارنىڭ ھىندىستان تەشكىلاتلىرى ۋە شىركەتلىرىگە قاراتقان تور ھۇجۇمى 2020-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %261 ئاشقان.

Insikt گۇرۇھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەزمۇنىنى ھازىرچە ئېنىقلىغىلى بولمايدىكەن. ئەمما ھىندىستاننىڭ مەزكۇر مېدىيا شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى دائىم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، تور ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللىرىغا ئېرىشىش، شۇنداقلا كۈچلۈك ھۇجۇم خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئېرىشىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 638 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2021 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق