لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىغا چاقىرىق قىلدى: خىتاينىڭ يانفونلىرىنى ئىشلەتمەڭلار

لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شياۋمى يانفونلىرىنىڭ خىتايغا قارشى سەزگۈر مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى سەۋەبلىك، پۇقرالىرىنى خىتاي يانفونلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تور بىخەتەرلىك مەركىزى 21-سېنتەبىر خىتاينىڭ شياۋمى شىركىتى ياۋروپادا سېتىۋاتقان يانفونلىرىنىڭ «تىبەتكە ئەركىنلىك»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى ياشىسۇن»، «دېموكراتىك ھەرىكەت» دېگەندەك سۆزلەرنى بايقاش ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. لىتۋانىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگىرىس ئابۇكېۋىچيۇس(Margiris Abukevicius)پۇقرالارنى خىتاي يانفونلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقان بولسا، ئۇنى تاشلىۋېتىشكە چاقىرغان.

لىتۋانىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شياۋمى يانفونىنىڭ يۇمشاق دېتالىدىكى مەزكۇر ئىقتىدارلار ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خالىغان ۋاقىتتا يىراقتىن كونترول قىلىپ، ئاچقىلى بولىدىكەن.

لىتۋانىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا شياۋمى تېلېفونىنىڭ سىنگاپوردىكى بىر مۇلازىمىتېرغا شىفىرلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەۋەتىدىغانلىقى، بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ خۇاۋېي P40 يانفونىدىمۇ بىخەتەرلىك يوچۇقى بايقالغانلىقى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ لىتۋانىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

شياۋمى شىركىتى 22-سېنتەبىر رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، شياۋمى يانفون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر ئەۋەتكەن ياكى تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇرلارنى ئەزەلدىن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى بولسا بۇ ۋەقەنى «لىتۋانىيەنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇنى» دەپ بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگىچە تەسىر كۆرسەتمەكتە. گەرچە خۇاۋېي، جۇڭشىڭ يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك جازالىرى تۈپەيلىدىن زور تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، شياۋمى، ئوپپو، يىجيا قاتارلىق خىتاي ماركىلىرى يەنىلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قاپلىماقتا.

لىتۋانىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ، لىتۋانىيە پايتەختىگە «تەيۋەن» نامىدا ۋاكالەتخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي لىتۋانىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن، شۇنداقلا لىتۋانىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىمۇ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قايتىپ كەتكەنىدى. بۇلاردىن سىرت، لىتۋانىيە پارلامېنتى بۇ يىل 20-ماي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنىدى.

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2021 13:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق