شى جىنپىڭ بىلەن بايدېن ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تىركەشتى

شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان ھالدا ئۆزئارا تىركەشكەن.

21-سېنتەبىر ب د ت نىڭ 76-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن مۇنازىرىسى نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن. بايدېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ب د ت ئومۇمىي يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، شى جىنپىڭمۇ سىن ئارقىلىق سۆز قىلغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېننىڭ نۇتقى ئىككىنچى رەتكە تىزىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ سىنلىق نۇتقى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان. بايدېننىڭ نەق مەيداندىكى سۆزى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتكەن. شى جىنپىڭ بولسا 15 مىنۇت سۆزلىگەن.

بايدىن سۆزىدە: «كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشنى تاللاش-تاللىماسلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ قارار كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، دەپ قارايمەن» دېگەن. ئۇ يەنە مۇستەبىتلىكنى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، دېموكراتىيەنىڭ يەنىلا ئەڭ ياخشى قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قوزغاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭ بولسا: «ھازىرقى دۇنيا يېڭى داۋالغۇش دەۋرىگە كىردى، ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان سىياسەتچى چوقۇم تارىخىي تاللاشتا بولۇشى كېرەك. دېموكراتىيە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بەلكى بارلىق دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ھوقۇقى. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ۋە دېموكراتىك ئۆزگەرتىشىنىڭ تۈگىمەس زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دەپ جار سالغان.

بايدېن يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ: «مەيلى شىنجاڭ، مەيلى شىمالىي ئېفىيوپىيەدە ياكى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرقىي، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى نىشانلاش ۋە زۇلۇم قىلىشقا قارشى چاقىرىق قىلىشىمىز ۋە ئەيىبلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئەمما شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ خەۋەر 744 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2021 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق