ياپونىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى نوبۇ كىشى(Nobuo Kishi)20-سېنتەبىر «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نوبۇ كىشى ياپونىيەنىڭ ئۆزىنىڭ، رايوننىڭ ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي ھەربىي كۈچىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نوبۇ كىشى ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ياپونىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تەيۋەندە توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ياپونىيەنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ يىل 6-ئايدا بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ياپونىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ياپونىيە خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

نوبۇ كىشى 16-سېنتەبىر CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ: «تەيۋەندە يۈز بەرگەن ئىشلار ياپونىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ياپونىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ %90ى ئىمپورت ئارقىلىق كېلىدۇ، چوقۇم تەيۋەننىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن توشۇلۇشى كېرەك، تەيۋەندە يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق ئىش ياپونىيە ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ياپونىيە چوقۇم زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ قوغدىنىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن ۋە كېڭەيتكەن. ياپونىيە ئارمىيەسىگە ئەڭ ئىلغار F-35 رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانى سەپلىگەن ھەمدە ئۇرۇش پاراخوتىنى ۋاقىتلىق ئاۋىياماتكىغا ئۆزگەرتىپ، F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى جەڭ سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە يەنە يېڭى قوغلىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن.

بۇ خەۋەر 789 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2021 10:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق