خىتاي تور ئەركىنلىكى جەھەتتە يەنە ئەڭ ئارقىغا تىزىلدى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» 21-سېنتەبىر دۆلەتلەرنىڭ 2021-يىللىق تور ئەركىنلىكى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي 70 نەچچە دۆلەت ئىچىدە تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار بولۇپ باھالانغان.

ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان دوكلاتتا تەيۋەن تۇنجى قېتىم باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، تور ئەركىنلىكى ئەڭ ياخشى بەش دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. خىتاي بولسا بۇ يىلغا قوشۇلۇپ، ئۇدا يەتتە يىل تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار بولۇپ باھالانغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تورنى نازارەت قىلىش دائىرىسىدە نۇرغۇن ھۆكۈمەت ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئابۇنىتلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش بار ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك ئۆتكەن بىر يىلدا كەم دېگەندە 48 دۆلەتتىكى تېخنىكا نازارەت ئورگانلىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ نازارەت مەزمۇنى، سانلىق مەلۇماتلىرى ياكى رىقابەت ۋە مونوپول مەسىلىسىگە قارىتا يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى بەزى ئەھۋاللاردا توردا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە بازارنى كونترول قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن كېلىپ چىققان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تورى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ شەخسىي سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي رېجىمى تېخنىكا شىركەتلىرىنى قاتتىق باستۇرغان بولۇپ، شىركەتلەردە رىقابەت كەمچىل، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن. خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق كۈچىنى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكىرى، ئاممىۋى مۇنازىرە ۋە ئۇچۇر تارقىلىشنى قاتتىق كونترول قىلغان.

بۇ خەۋەر 807 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق