ئەردوغان ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

21-سېنتەبىر ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىندا تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا تەرتىپى، كىشىلىك ھوقۇق، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ: «مەيلى شىنجاڭ، مەيلى شىمالىي ئېفىيوپىيەدە ياكى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرقىي، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى نىشانلاش ۋە زۇلۇم قىلىشقا قارشى چاقىرىق قىلىشىمىز ۋە ئەيىبلىشىمىز كېرەك» دېدى.

مەزكۇر يىغىندا شى جىنپىڭمۇ سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق توختالمىغان.

بۇ خەۋەر 698 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق