شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن كېيىن ھەربىي مانېۋىر باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 17-سېنتەبىر تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئافغانىستان ۋەزىيىتى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە باشقا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى سىنلىق نۇتۇق سۆزلىگەن. ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر «ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافغانىستاندا كەڭ ۋە سىغدۇرۇشچان سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ» دېگەن مەزمۇندا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، «بۇ تاسادىپىيلىقنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقلار قانداق بولۇشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئاللار تۇغۇلغان.

بۇ يىل 9-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىراننى ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش مۇساپىسىنى باشلىغان ۋە ئۈچ يېڭى دىيالوگ ھەمراھىنى قوشۇپ، دىيالوگ ئەزالىرىنىڭ سانىنى ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، كامبودژا، نېپال، تۈركىيە، سىرىلانكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە قاتار قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە كۆپەيگەن. نۆۋەتتە ئىراننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھازىرغا قەدەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن 34 مىليون 360 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. نوپۇسى 3 مىلياردتىن ئېشىپ، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشقان.

بۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى يادرو كۈچلىرى ئىچىدە خىتاي ۋە رۇسىيەدىن باشقا، ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى يادرو دۆلىتىمۇ يادرو قورالى ياساپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۆت يادرو كۈچىگە ئايلانغان ۋە دۇنيادىكى يادرو قورالىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن.

20-سېنتەبىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ ئۆلكىسىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان بولۇپ، 24-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 802 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2021 12:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق