نەچچە يۈزلىگەن ئافغانىستانلىق تەرجىماننىڭ مەخپىي ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى

كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ئافغانىستاندىن تېزلىكتە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، غەرب ئارمىيەسىگە ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئافغانىستانلىقلار بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىر تۈركۈم ئافغان تەرجىمانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىر ئېلخەت ئۇچۇرىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن 250 ئافغان تەرجىماننىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولۇپ، بەزى تەرجىمانلارنىڭ سۈرىتىمۇ قوشۇپ يوللانغان. بۇ ئېلخەتنى تاپشۇرۇۋالغانلار يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغان بولۇپ،  مەزكۇر تەرجىمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق تەرجىمانلارغا ياردەم قىلماقچى بولغان. بۇ تەرجىمانلارنىڭ بەزىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئافغانىستاندىن ئايرىلغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسى ئافغانىستاندا قاپسىلىپ قالغان.

ب ب س نىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئېلخەتنىڭ ئەسلى مەقسىتى مەزكۇر 250 ئافغانىستانلىق تەرجىماننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ئۇلارنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىكەن. ئېلخەتتە بۇ يەرلىك تەرجىمانلاردىن ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى خەتەرگە ئىتتىرىشتىن ساقلىنىش، ھازىرقى يوشۇرۇنغان جايىدىن بىخەتەر جايغا بېرىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلماسلىق تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم ئافغانىستانلىق تەرجىمانلار بۇ ئېلخەتكە جاۋاب قايتۇرغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن «ھەممىگە جاۋاب قايتۇرۇش»نى تاللاپ سالغان.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىرىنچى ئېلخەتنى ئەۋەتىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىككىنچى ئېلېكتىرونلۇق خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، بىرىنچى ئېلخەتنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ يىل 6-ئايدىمۇ بىر قېتىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغان بولۇپ، بىر خىزمەتچى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاپتوبۇس بېكىتىدە مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغان. تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تاراتقۇلارغا بۇنداق خاتالىقلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2021 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق