خىتاي بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» قىلىنغان خىتايلار بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.

خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك رەزىل پىلانلىرىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى، مىللىي بايراملىرىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چەكلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مىللىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كېلىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «بىرلىكتە خۇشال-خۇرام بايرام ئۆتكۈزگەنلىكى» جار سېلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-سېنتەبىر خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاخ مەھەللە كەنتى ئاھالە كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شۇ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار تاۋۇز چاغىنى ئۈچۈن ئاي توقاچ تەييارلاشقا مەجبۇرلانغان. 19-سېنتەبىر كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىمۇ ئوخشاشلا كەنتتىكى قازاق خەلقىنى خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.

خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان ناھىيەلىرىدە خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» قىلىنغان خىتايلار بىلەن بىرگە خىتايلارنىڭ ئاي توقىچىنى بىرگە تەييارلاپ يېيىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇلاردىن سىرت، 21-سېنتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازاردا خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق مىللىتىدىن بولغان قىز-ئاياللارنى ئۇسسۇل ئويناتقۇزۇۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر تارقالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نەچچە مىليون ئەرنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە جاز لاگېرلىرىغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتە قالغان ئاز ساندىكى خەلقنى خىتاينىڭ مىللىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى، خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن روھىي جەھەتتىن دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2021 10:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق