خىتاي خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشقى سودا كۆلىمىنى ئاشۇرغان

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بۇ يىل بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان تاشقى سودا ئېكسپورتىنى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئاشۇرغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن جازالانغاندىن كېيىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇقراۋى كارخانىلارنى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىغا رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 97 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئاشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي تاشقى سودىنىڭ %84.2 ىنى ئىگىلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە توشۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ لىنىيەدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ۋە تاشقى سودا پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەسلى ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسا ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ  «بىر بەلباغ، بىر يول»  سودا پىلانىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2021 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق