تىك توك خىتايدا ئىشلىتىش چەكلىمىسىنى كۈچەيتتى

تىك توك شىركىتى 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 40 مىنۇت قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ياشلارنىڭ تور ئىشلىتىشنى تەڭشەشنى كۈچەيتكەندىن بېرى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەڭ يېڭى چەكلىمىسى ئىكەن.

خىتاي مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ ئانا شىركىتى Bytedance 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ بەلگىلىمە خىتاينىڭ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تور ئىشلىتىشىگە قويۇلغان چەكلىمىلەردىن بىرى ئىكەن.

يېڭى چەكلىمىگە ئاساسەن 14 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كەچ سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە تىك توك ئىشلىتەلمەيدىكەن، ئەتىگەن سائەت 6 دىن كەچ سائەت 10 غىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا پەقەت 40 مىنۇت ئىشلىتەلەيدىكەن.

2018-يىلى يىلدىن باشلاپ تىك توك بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى يولغا قويغان. شىركەت مەسئۇللىرى بۇ قېتىملىق تەدبىرلەرنىڭ 14 ياشتىن تۆۋەن بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭدا ياشلارنى زىيانلىق مەزمۇنلاردىن قوغداشنى ئاساس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، كۈنىگە 40 مىنۇت تىك توك ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئاممىباب ئىلىم-پەنگە، تارىخقا ئالاقىدار مەزمۇنلار تەييارلانغان.

بۇ خەۋەر 640 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2021 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق