خەلقئارا دىنىي نەشرىياتچىلىق بىرلىكى قۇرۇلدى

ئىستانبۇل ساباھاتتىن  زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدە خەلقئارا خەلقئارا دىنىي نەشرىياتچىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن 18-، 19–سېنتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ساباھاتتىن  زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئىسلامىي كىتابلارنى نەشر قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندىكى بىر قاتار مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەتلەردىن كېيىن، 19-سېنتەبىر خەلقئارا دىنىي نەشرىياتچىلىق بىرلىكى رەسمىي قۇرۇلغان. 

يىغىنغا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن نەشرىياتچى ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرجىمە ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي بىرلىككە ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي يەنە يىغىنغا كەلگەن نەشرىياتچى، تەتقىقاتچىلار بىلەن ئايرىم –ئايرىم كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان، شۇنداقلا بىر قىسىم مۇھىم ئىسلامىي كىتابلارنى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ خەۋەر 3811 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2021 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق