دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارىنىڭ خىتايغا يانتاياق بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ سودا مۇھىتى رەت تەرتىپىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «سودا مۇھىتى» تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2018-يىللىق دوكلاتىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىرىستالىنا گېيورگىۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ رەت تەرتىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتچىلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتكۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

«سودا مۇھىتى» تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەريىلى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا مۇھىتىنى باھالاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ رەت تەرتىپىنى تۇرغۇزۇپ، دوكلات ئېلان قىلىپ كەلگەن. خىتاي ۋە باشقا بىر تۈركۈم دۆلەتلەر بۇ دوكلاتتىكى رەت تەرتىپكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللانغان.

2017-يىللىق سودا مۇھىتى دوكلاتىدا خىتاي 78-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئەسلى 2018-يىللىق دوكلاتتا تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىرىستالىنا گېيورگىۋا بۇنىڭغا بىۋاسىتە قول تىقىپ، «سودا مۇھىتى» تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرىغا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتكۈزگەن، شۇنداقلا مەسئۇل خادىمغا خىتاينىڭ رەت تەرتىپى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

كىرىستالىنا گېيورگىۋا نۆۋەتتە خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، مىنىستىرلىكنىڭ مەزكۇر ئەيىبلەشكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە دوكلاتنى ئانالىز قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ باش ۋەزىپىسىنىڭ خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا بانكىسى ئالدىنقى ھەپتە «سودا مۇھىتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2021 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق