ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ روبوت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 19-سېنتەبىر UyghurSTEM گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتان رايونىدا «2021-يىللىق UyghurSTEM روبوت كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە UyghurSTEM  نىڭ 2021-يىللىق يازلىق تەتىللىك كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 3-قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كۆرگەزمىگە بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشتى.

قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان كۆرگەزمىدە ئوقۇغۇچىلار سەھنىگە چىقىپ، كۇرس مەزگىلىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە ئاساسەن ياساپ كەلگەن تۈرلۈك روبوتلارنىڭ لايىھەلىنىش جەريانىنى ۋە ئىشلەش پىرىنسىپىنى ھاياجان بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقتى ۋە مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار يەنە UyghurSTEM گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەتئىمىن نۇرىددىنگە سوۋغات تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئوقۇغۇچىلارنى خالىسانە تەربىيەلەپ كەلگەن تىرىشچانلىقى ۋە پىداكارلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، UyghurSTEM گۇرۇپپىسىنىڭ پىداكارلىق بىلەن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ۋە ئاتا-ئانىلارغا ۋاكالىتەن گۇرۇپپىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەتئىمىن نۇرىددىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، UyghurSTEM نىڭ خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە پىروگرامما يېزىش ۋە روبوت دەرسلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ زور ياردىمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كەلگۈسى نىشانى ھەققىدە توختىلىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ روبوت ياساشقا ئوخشاش زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن ھالەتكە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

UyghurSTEM گۇرۇپپىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەبىئىي پەن بىلىملىرىدە يېتەكلەش ۋە ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 2019-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان. گۇرۇپپىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە بىيولوگىيە دەرسلىرىگە قاتناشقانلاردىن سىرت، كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرىگىلا ھازىرغىچە 410 غا يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان.

بۇ خەۋەر 1765 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2021 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق