فىرانسىيە ھۆكۈمىتى داڭلىق ئىسلام نەشرىياتىنى تاقاشنى قارار قىلدى

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن «غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دەپ باھانە بىلەن، فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارىج رايونىغا جايلاشقان «ئەلنەۋا» نەشرىياتى ۋە تەتقىقات مەركىزىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى جۈمە فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «جىھادنى قانۇنلاشتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئىسلام نەشرىياتىنى تاقاش تەدبىرلىرى باشلاندى» دېگەن. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يوللىغان ئۇچۇردا نەشرىياتنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە نەشرىياتچىلارنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، نەشرىياتنىڭ «جىھادچىلار» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت پىكىرلەرنى تارقىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ناۋا نەشرىيات ۋە تەتقىقات مەركىزى ئەرەب ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەركەزنىڭ پەقەت سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەمۇرىي ھەل قىلىش چارىسى ۋە بانكا ھېسابىنى توڭلىتىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ناۋا نەشرىيات ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ نىشانىنى تونۇشتۇرۇلۇپ: «ئىسلام مىراسلىرىدىكى ئىنسانىي ۋە سىياسىي ئىلىملەرنى كۈچەيتىش، بۇ ساھەنىڭ يېڭىلىنىشىغا غەرب دۇنياسىنى، غەرب ئىلىملىرىنى، تارىخى ۋە سىياسىي پىكىر ۋە تەلىماتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىجتىمائىي توپلارغا ياردەم بېرىشنى نىشان قىلغان لوندوندىكى «CAGE» تەشكىلاتى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئىسلام نەشرىياتىنى تاقىتىۋېتىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ: «تەھرىرات يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرغان ۋە غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا بىۋاسىتە خىرىس ئېلىپ كەلگەن دېيىلدى. ئۇلار جىھادقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كىتابنى نەشر قىلغان. ئۇ بولسىمۇ خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ تەرجىمىھالى ئىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى «بەرىكەت شەھىرى»نى تاقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرمانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى دەۋەتچى مۇھەممەد ئەل ھۇۋايت فىرانسىيەنىڭ قارارى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئىسلام پىكىر مەركىزى بولغان نەۋا تەتقىقات مەركىزىنى تاقاشنى پىلانلىدى. بۇ مەركەز 2008-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان فىرانسىيەدىكى ئىسلامىي پىكىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى مەركىزى ئىدى» دېگەن.

خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى دوكتور مۇھەممەد ئەسسەغىر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەركەز قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلمىدى. ئەمما مەسىلە شۇكى، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرغانلىقى، غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى تەنقىد قىلغانلىقى ھەمدە قانۇنلۇق ھالدا مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تۇرۇشنى يوللۇق دەپ قارىغانلىقى. ئۇنداقتا پىكىر ئەركىنلىكى نەدە قالدى؟» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2021 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق