خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي تىركىشىشى قايتىدىن جىددىيلەشتى

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى پاراكەندە قىلىش ھەرىكىتى سەۋەبلىك، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى قايتىدىن قاتتىق جىددىيلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن 13-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە بۇ يىللىق خەنگۇاڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەننى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن. مانېۋىرنىڭ تۇنجى كۈنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «توشۇغۇچى 8» ناملىق يىراق مۇساپىلىك كاشىلا قىلغۇچى ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن. تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سىگنال تەكشۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مىكا ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ ماڭغان كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئەۋەتكەن. ئەتىسى خىتاي ئارمىيەسى يەنە ئىككى تال J-16 تىپلىق ئايروپىلانىنى ئەۋەتىپ، تەيۋەنگە پاراكەندىچىلىك سالغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىس-تۈتەكسىز ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاللىبۇرۇن باشلانغانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرسە، «تۆتىنچى دۇنيا ئۇرۇشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندىن بېرى تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى پەقەت 8-ئايدىلا رايوندا ئون قېتىمدىن ئارتۇق ھەربىي مەشىق ياكى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. مانېۋىر رايونى خۇاڭخەي دېڭىزى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە بوخەي دېڭىزىنى قاپلىغان بولۇپ، دېڭىزدىن ئۆتۈش، قۇرۇقلۇققا چىقىش، قونۇش بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 936 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2021 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق