شى جىنپىڭ: ئافغانىستاننىڭ سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللايمىز

شى جىنپىڭ ئالدىنقى جۈمە ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى ۋەزىيەتتىن تېزلىكتە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىنى ھەمدە ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى تەرەپلەرنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى»غا زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئافغانىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوللاش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئىمكانقەدەر ئافغانىستاننى داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاساسىي پىرىنسىپنى يولغا قويۇشقا، ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى مۇستەقىل كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان ئافغانىستاندىكى جىددىي ئۆزگىرىشنىڭ خىتاينى ساراسىمىگە سالغانلىقىنى، چېگرا بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاينىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ھەممە دۆلەتلەردىن بۇرۇن ئاكتىپلىق بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالىبان ھاكىمىيىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1216 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2021 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق