خىتاينىڭ تۆت چارلىغۇچى پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ تۆت پاراخوتى 19-سېنتەبىر سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ياپونىيەگە تەۋە زېمىنىغا كىرگەن بولۇپ، ياپونىيە چارلاش پاراخوتى خىتاي دېڭىز قىرغىقى چارلاش پاراخوتىنى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ 11-رايونلۇق دېڭىز بىخەتەرلىك باش ئىشتابىنىڭ ئېيتىشىچە، 19-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 10 ئەتراپىدا خىتاي دېڭىز قىرغىقى چارلاش ئەترىتىنىڭ تۆت پاراخوتى سېنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقىپ، تەخمىنەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11 گىچە تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە تەۋە رايونغا كىرگەن.

مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ بىرىگە زەمبىرەككە ئوخشايدىغان ئۈسكۈنە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر دېڭىز رايونىدا ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرى يوق ئىكەن. بۇ 30-ئاۋغۇستتىن كېيىن خىتاي پاراخوتىنىڭ سىنكاكو ئاراللىرىغا يېقىن جايغا يەنە بىر قېتىم كىرىشى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سېنكاكۇ ئارىلىغا تۇتىشىدىغان رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇدا ئالتە كۈن خىتاي پاراخوتى بايقالغان. خىتاي يېقىندىن بېرى دېڭىز تەۋەلىكىدە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا ۋە يولسىز ھالدا زېمىن دەۋاسى قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2021 11:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق