نەنسى پېلوسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى بۈگۈن قاتناشقان بىر پائالىيەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى ئەنگىلىيە ئاقىللار ئامبىرى Chatham House چاتام ئۆيى تەشكىللىگەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ «ئاخىرقى مىنۇت» ئىبارىسى بىلەن تەمىنلىگەن باياناتىدا، پېلوسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. پېلوسى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئەسلىتىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پېلوسى سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق مۇناسىۋىتىمىزدە مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بىز ئۇلارغا بىز قوشۇلمايدىغان نۇقتىلارنى ھەمىشە ئېيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «بىز يەنە ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز سۆزلەۋاتقان ھەر نەرسىدە خىتاينىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1639 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق