ئاۋسترالىيە: خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى بار، تەييارلىق قىلىڭلار

ئاۋستىرالىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن AUKUS كېلىشىمنامىسى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا سەۋەب بولدى. خىتاي بۇ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاستە «ئۆزىگە تەھدىت» دەپ ئىزاھلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسكىن باياناتلارنى ئېلان قىلدى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ باياناتلارغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، كۈچلۈك بايانلاردا بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەنAUKUS  كېلىشىمىنىڭ رايونغا ئەڭ چوڭ تەھدىد پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ كېلىشىم بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى قوللىشى «چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ بىلجىرلىغان بولسا، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا: «ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى نىشان قىلغان چەتكە قېقىش ئىتتىپاقى قۇرۇلماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ ئۈچ دۆلەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى روھىي ھالەت ۋە ئىدىئولوگىيىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك» دېگەن بايانلار تىلغا ئېلىندى.

بۈگۈن ئاۋستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتون ئاۋسترالىيەگە كەم دېگەندە سەككىز يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە باشقا ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ئاتا قىلىدىغان يېڭى ئىتتىپاقنىڭ «رايونغا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى» نى ئېلان قىلدى ۋە كېلىشىم سەۋەبلىك فرانسىيەدىن «كەچۈرۈم سورىمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، بۇ كېلىشىمدىن بىئارام بولىدىغانلار ئەسلىدە خىتاي بولۇشى كېرەك دېدى.

پېتېر دۇتتون يەنە خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي بىلەن ئۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ۋە دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 

بۇ خەۋەر 1814 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق