ئىسلامىي تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېلىشقا نارازىلىق بىلدۈردى

 

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلات 40 تىن خەلقئارالىق تەشكىلات بىلەن بىرلىشىپ، ھىلتون گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ ئورنىدا مېھمانخانا سېلىش پىلانىغا قارشى، ھىلتون مېھمانخانىسىنى خەلقئارالىق بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى ۋە باشقا ھەمكارلاشقان 40 نەچچە تەشكىلات 16-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىكى ھىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھىلتون مېھمانخانىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان تۈرلۈك زىيانكەشلىك سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، تەنقىدچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىگە دائىر بارچە نەرسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى، مەسچىت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان خەلقنى ئېغىر شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، تۇغۇت چەكلىشى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشى قاتارلىق باستۇرۇشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ھىلتوننى خىتاي تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ئورنىغا خامپتون (Hampton Inn) مېھمانخانىسى سېلىش قۇرۇلۇشىنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

باش مەركىزى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىغا جايلاشقان ھىلتون شىركىتىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ: «شىركەت ئالاھىدە سودا ئەندىزىسى بويىچە ھىلتوننىڭ ئۆي-مۈلۈك ئېچىش ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ. ئەمما بىز 2019-يىلى مۇستەقىل خىتاي كارخانىلار گۇرۇھى ئاممىۋى كىمئارتۇق سودىسى ئارقىلىق بىر بوش يەر سېتىۋالغان ھەمدە بۇ يەرگە مېھمانساراينى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا تەرەققىيات رايونى پىلانلىغان. بۇ قۇرۇلۇش مەسىلىسىدە ھىلتون ئورۇن تاللاشقا قاتناشمىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 4254 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2021 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق