شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆپەيتىلمەكتە

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە ئاتالمىش «ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى»نى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويغان.

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ سىستېمىسى ئاتالمىش «24-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى»نىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «ئۈچ خىل يېزىش قورالىدا خەت يېزىش، خىتاي ئورتاق تىلىدا سۆزلەش» مۇسابىقىسى، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەپ» بىرلىكتە خىتاي ئورتاق تىلىدا سۆزلەش، خىتاي ئورتاق تىلى تەقلىدىي سىنىقى ۋە ئاۋازلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تور ۋە تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى»نى ئۆگىنىشى، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، لېكسىيە، مۇنازىرە، دىراما، ئېتۇت قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىشكە تەشۋىق قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، 13-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار خىتايچە شېئىر-نەزمە، ناخشا ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ مەكتەپنىڭ شىچۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق، خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق خىتاي مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ يولغا قويغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئاتالمىش «خىتاي تىلىدا سۆزلەش، قېلىپلاشتۇرۇلغان خەت يېزىش» تەشەببۇسنامىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا خىتاي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىغا ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەت قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىپ، ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب»لارنى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ، خىتاي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ھەتتا مەكتەپ ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى جازالىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1340 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2021 12:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق