ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا قارشى يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ياۋروپا پارلامېنتى 15-سېنتەبىر خىتايغا قارشى يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈش پىلان لايىھەسىگە ئاۋاز تاشلىغان بولۇپ، 16-سېنتەبىر نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلغان. نەتىجىدە مەزكۇر لايىھە 570 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 61 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 40 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن تەستىقلانغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىدە يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش، ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنى تەكىتلەش، خەتەر ۋە يوچۇقلارنى بايقاش، ئوخشاش پىكىردىكى مەسىلىلەردە شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياۋروپانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى قوغداش قاتارلىق ئالتە ئاساسىي پىرىنسىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئەيىبلەنگەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇلىيە، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك دىيالوگ قۇرۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىلغان.

دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ: «خىتاي ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ ئەزالىرىغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلمىغۇچە، ياۋروپا-خىتاي ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاش جەريانى داۋاملىق توڭلىتىلىدۇ، ئوخشاش پىكىردىكى شېرىكلەر 5G تورىنىڭ دۇنياۋى ئۆلچىمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان شىركەتلەرنى چوقۇم شىرىكلىكتىن چىقىرىۋېتىش كېرەك» دەپ تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە تەيۋەن قاتارلىق دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا دوكلاتتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ يىغىنلىرىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەتلەرنى قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1173 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2021 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق