جەنۋەدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئاي داۋاملىشىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى بۇ ھەپتە رەسمىي باشلانغان بولۇپ، يىغىن بىلەن تەڭ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر كۆرگەزمە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىغا قاتناشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ كۆرگەزمە كېيىن بىريۇسسېل ۋە بېرلىنىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى خىتاي سىياسىتىدىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇشقا كۈچەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە باشقا جايلاردا سادىر قىلىۋاتقان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى «سىياسىي ئويۇن ئوينىدى... يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، ئارىدىن پايدا ئالماقچى» دەپ ئەيىبلىگەن.  خىتاينىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جياڭ دۇەن بۇ ھەپتىدىكى بىر يىغىندا يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇرۇن يەرلىك خەلققە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «سىستېمىلىق ئىرقچىلىق» يۈرگۈزگەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ۋەكىلى بېنجامىن مولىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۆتمۈشتىكى ئەخلاققا يات قىلمىشلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا تىرىشقان دۆلەتلەر بىلەن نۆۋەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق بار» دەپ رەددىيە بەرگەن.

بۇ خەۋەر 1509 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2021 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق