ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارارىغا كەلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە سېتىلىشىنى چەكلەش قارارىغا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىمۇ بار ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق يىغىنىدا قىلغان دوكلاتىدا: «پۈتۈن دۇنيادا 25 مىليون ئادەم تەھدىت ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، بىز ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپادا سېتىلىشىغا يول قويمايمىز. شۇڭا بىز مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېگەن. ئۆ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «ئىنسان ھەقلىرىنى ھەر قانداق باھادا ساتقىلى بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ۋون دېر لېيېن سۆزىدە ھېچقانداق دۆلەتنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى كۆزدە تۇتتى، دەپ قارالغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىنى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن رايوندىكى مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى قايتا ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقانلىقىنى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي رېجىمى بولسا جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن ناملار بىلەن پەردازلىماقتا.

بۇ خەۋەر 1001 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2021 11:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق