ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ئافغانىستاننىڭ ۋەكىللىك مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

ب د ت نىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 14-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 21-سېنتەبىر ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى پىكىر بايان قىلىدىكەن. ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا كېڭەشنىڭ يېڭى رەئىسىنى سايلاش، ب د ت يىللىق خامچوت لايىھەسىگە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىچكى ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا تاشقى دۇنيانىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى يەنىلا ئومۇمىي كېڭەشنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق كومىتېتى ئەزالىرى ھەققىدە قارار چىقىرىش ئىكەن. توققۇز دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بۇ كومىتېت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قايسى سىياسىي ئورۇنلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دەپ قارار قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن. نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ دىققىتى تالىباننىڭ ب د ت دىكى ئافغانىستان ۋەكىلى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كومىتېت تالىباننىڭ ئافغانىستانغا ۋەكىللىك قىلىش مەسىلىسىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلمايدىكەن. ئەمما مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ تەشكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كەلگۈسى قارارلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يىغىن تالىبانلارنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

نۆۋەتتە ھېچقايسى دۆلەت تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئافغانىستاننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى، دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، پاكىستان قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تالىبانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا تالىبان سىياسىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى موللا ئابدۇلغەنى بىرادەر ئالدىنقى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قوبۇل قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بولسا ئاساسلىق دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئاساستا يېڭى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1269 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2021 10:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق