خىتاي ۋىرۇسىدىن غايەت زور پايدا ئالغان شىركەتلەر

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ۋىرۇسى ۋاباسى 2020-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىشقا باشلىدى. 11-مارت بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىسمى دۇنيادا «كوۋىد-19" دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ يۇقۇملۇق خىتاي ۋاباسىغا قارشى ۋاكسىنا ياساپ چىقىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلدى.

2020-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا دورا شىركىتى «مودېرنا» (Moderna) ئىسىملىك ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئارقىدىنلا گېرمانىيە «بىيونتېك» (BioNTech) ئىسىملىك ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ جەرياندا بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە خىل ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىمۇ، دۇنيادا يۇقىرىقى ئىككى خىل ۋاكسىنا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن.

مودىرنا ۋە بىيونتېك ۋاكسىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مودىرنا ۋاكسىنىسى 77 دۆلەتتە، بىيونتېك ۋاكسىنىسى 125 دۆلەتتە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىككى خىل ۋاكسىنا ئىشلىتىشكە باشلىنىپ، 2021-يىلى 9-ئايغىچە بولغان بىر يېرىم يىل ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ بىيونتېك ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان دورا شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى %920 ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ مودىرنا ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان دورا شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى %1500 ئاشقان.

بىيونتېك ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان دورا شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى بازار قىممىتى 8 مىليارد 420 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ بىر يېرىم يىل جەريانىدا ۋاكسىنا سېتىپ ئالغان پايدىسى بىلەن ئومۇمىي بازار قىممىتى 86 مىليارد 150 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيادىكى 184-شىركەت قاتارىغا ئۆتكەن. مودىرنا ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان دورا شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى بازار قىممىتى 11 مىليارد 80 مىليون دوللار بولۇپ، ۋاكسىنا سېتىپ ئالغان پايدىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 175 مىليارد 370 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيادىكى 74-شىركەت قاتارىغا ئۆتكەن. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ۋاكسىنا سېتىپ ئالغان پايدىسى 242 مىليارد دوللار بولغان.

تەتقىقاتچىلار بۇ يىل ئىچىدە يەنە 22 مىليارد دوللارلىق مودىرنا ۋاكسىنىسى ۋە 35 مىليارد دوللارلىق بىيونتېك ۋاكسىنىسى سېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2021 00:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق