ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ۋە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون «ئاۋكۇس» ناملىق يېڭى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر باياناتتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئاۋسترالىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مۇداپىئە كېلىشىمى يەنە تور بوشلۇقىدىكى ئىقتىدار، سۈنئىي ئىدراك ۋە قوشۇمچە سۇ ئاستى پاراخوتى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىرلەشمە باياناتتا ھىندى-تىنچ ئوكيان «ھەل قىلىنمىغان زېمىن تالاش-تارتىشى، تېررورلۇق تەھدىتى ۋە تەشكىللىك جىنايەت قاتارلىق يوشۇرۇن نۇقتىلار بار رايون» دەپ سۈپەتلەنگەن.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بۇ مەسىلە توغرىسىدا توختىلىپ، كېلىشىمنىڭ ئۇ «تەبىئىي ئىتتىپاقداش» دەپ قارىغان ئۈچ دۆلەتنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ ھەمكارلىق بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ۋە ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر ئۈچ دۆلەت بۇ كېلىشىمنى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىماقتا.

كېلىشىم سەۋەبىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ فىرانسىيە بىلەن سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە 2016-يىلى ئىمزالانغان  50 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرى قىممىتىدىكى 12 سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش پىلانلانغان كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى، ئەنگلىيەگە تەۋەHMS  خانىش ئېلزابېت ئاۋىياماتكىسى ئالدىنقى ھەپتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشى خەلقئارا يادروسىزلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. رايونلۇق ئىتتىپاق ۋە مېخانىزم ئۈچىنچى دۆلەتنى نىشان قىلماسلىقى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان بولسا: «بىز ھەقىقەتەن ئارقىمىزدىن پىچاق يېدۇق، بىز ئاۋسترالىيە بىلەن ئىشەنچ ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدۇق، بۇ ئىشەنچكە خىيانەت قىلىندى» دېگەن ئىپادىنى ئىشلەتكەن.

بۇلاردىن سىرت، بەش بۇرجەكلىك بىنادا زىيارەتتە بولغان ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتون ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بىلەن كۆرۈشكەندە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئۆزگەرمەكتە، پەقەت بەش كۆز ئىتتىپاقى مېخانىزمى قاتارلىق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن.

چارشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى كىربىدىن «ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى خىتاينىڭ ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكىتى سەۋەبلىك بولغانمۇ؟» دەپ سورىغان. كىربى جاۋابىدا: «شۈبھىسىزكى، بىز خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكىتىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ئامېرىكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەت قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرى بولسا ئاۋسترالىيە ئۈچۈن ياسالغان يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا يادرو قوراللىرى سەپلەنمەيدىغانلىقىنى، ئۈچ دۆلەتنىڭ يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك مەسىلىسىدىكى خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1653 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2021 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق