تەيۋەن ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئىسىم مەسىلىسى خىتاينى قايتا بىئارام قىلدى

يېقىندا بىر قىسىم تاراتقۇلار تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ نامىنى «تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋاكالەتخانىسى»دىن «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى»غا ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ «تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋاكالەتخانىسى»نىڭ نامىنى «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى»غا ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرمىغان.

مەزكۇر خەۋەر خىتاي تەرەپنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 13-سېنتەبىر بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى مەزكۇر خەۋەرگە قارىتا ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئامېرىكىدىن تەيۋەن بىلەن بولغان ھەر قانداق شەكىلدىكى رەسمىي مۇناسىۋەتنى توختىتىشنى، تەيۋەن «مۇستەقىلچى كۈچلىرى»گە خاتا سىگنال بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ 14-سېنتەبىر تىۋىتتېردا: «خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋاكالەتخانىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلماقتا» دېگەن.

خىتاي يەر شارى ۋاقىت گېزىتىمۇ باش بېتىدە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ: «ئەگەر ئىسىم ئۆزگەرتىش ئەمەلگە ئاشسا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن خىتاينىڭ قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىپ، خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدۇ» دەپ تەھدىت قىلغان.

تەيۋەن بۇ يىل 7-ئايدا لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ۋاكالەتخانا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار بىر دۆلەتتە «تەيۋەن» نامى ئىشلىتىلىپ قۇرۇلغان تۇنجى ۋاكالەتخانا بولۇپ قالغانىدى. خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى، شۇنداقلا لىتۋانىيەمۇ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.

بۇ خەۋەر 1229 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2021 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق