تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم رەسمىيەتلىرى تېخىمۇ قولايلاشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بويتاقلىق ئىسپاتى ئالالماسلىق مەسىلىسى ھەل بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى چەكلىشى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۇزۇندىن بېرى بويتاقلىق ئىسپاتى ھەل قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك، توي قىلىش، نوپۇسقا ئالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ يىل 5-ئايدا بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىغانىدى. نۆۋەتتە بۇ قارار ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-سېنتەبىردىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىش رەسمىي بېجىرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ، بويتاقلىق ئىسپاتى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1874 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2021 11:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق