كىتاب ئوقۇشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن 100 كىتاب تەۋسىيە

كىتاب ئوقۇشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن 100 كىتاب تەۋسىيە

ئالماس ھاجى

 

«ئىلىمگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولى كىتاب. ئۇ بىزگە يىراقنى يېقىن قىلىدۇ. كاللىمىزنى ئېچىپ، ئوچۇق كۆزىمىز بىلەن دۇنياغا قارايدىغان قىلىدۇ. ئۆيىمىزنىڭ كىتاب تەكچىسىگە بىر كىتاب قويۇلسا، قەلبىمىزدىكى بىر بوشلۇق تولىدۇ. بالىلىرىمىزنى كىتابخانىغا ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ كىتاب ئېلىپ بېرەيلى، خوتۇن-قىزلار داستىخان يۆگەپ يارىشىققا بارغاندا مال ۋە غىزا ئورنىغا ئېسىل-ئېسىل كىتابلاردىن زەللە قىلىشنى ئادەت قىلايلى. چۈنكى نەپسىمىزگە ھەر كۈنى نەچچە ۋاق ئاش، ئوزۇق بېرىۋاتىمىز، لېكىن روھىمىزغا بەزىدە بىر ۋاقمۇ تاماق يوق ئاچ قېلىۋاتىمىز. يۈزىمىزنى توپا باسسا باسسۇن، كىتابلىرىمىزنى توپا باسمىسۇن. كىتابلىرى غېرىب بولۇپ قالغان خەلقنىڭ ئەرلىرى نادانلىققا قۇل، ئاياللىرى روھى تۇل بولۇپ قالىدۇ. ئەزىزانە قېرىنداشلىرىم، بىر-بىرىمىزگە ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلايلى، كىتاب سوۋغا قىلايلى. چۈنكى ياخشىلىق ئۈچۈن چۆلگە باسقان قەدەملىرىمىزدىن كېيىنكىلەرگە گۈللەر ئۈنۈپ قالىدۇ» (نەزىرە مۇھەممەت سالىھ).

گەپنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىق قىزى، ئالىمە نەزىرە مۇھەممەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىدىم. دېمەكچى، ئوقۇش ئۈچۈن، سوۋغا قىلىش ئۈچۈن كىتاب بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا بۇ يازمىدا گەپ ساتماي، «نان تېگىدىغان يەرنى» تەۋسىيە قىلدىم. يەنى كىتابلار تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم. قېنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، بۇ كىتابلاردىن قايسىسى سىزنىڭ كىتاب جاۋىنىڭىزدە بار، قايسىسىنى ئوقۇدىڭىز، قايسىسىنى ئېلىپ تولۇقلىشىڭىز كېرەك ئىكەن. كىتابلار تۈرلەر بويىچە رەتكە تىزىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ دەسلەپكى تىزىملىك. ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىم بۇ تىزىملىكنى يەنىمۇ تولۇقلايدۇ، دەپ ئويلايمەن.

 

قورال كىتابلار

1. قۇرئان كەرىم

2. تەپسىرى مۇيەسسەر

3. سەھىھۇلبۇخارىي شەرھى

4. قۇتادغۇبىلىك

5. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك

6. ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى

7. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

8. دىن ۋە ھايات

9. ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى

 

تارىخىي كىتابلار

1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى (شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋىي)

2. ئىسلام تارىخى (پ. د. مۇھەممەت ئۆزدەمىر)

3. تارىخى رەشىدىي (مىرزامۇھەممەت ھەيدەر كوراگان)

4. تارىخى ھەمىدىي (موللا مۇسا سايرامى)

5. بابۇرنامە (زەھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر)

6. ئۇيغۇرلار (ئۈچ كىتاب؛ تۇرغۇن ئالماس)

7. شەرقىي تۈركىستان تارىخىي (مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا)

8. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى (ئابدۇجېلىل تۇران)

9. 100 مەشھۇر ئۇيغۇر (مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر)

10. تىنچىماس ئۇيغۇر دىيارى (كىرستىيېن تايلې)

11. ئون ئىككى لېكسىيە (تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا؛ ۋ.ۋ.بارتولد)

12. ئۇيغۇرنامە (سابىت ئۇيغۇرىي)

13. ئۆلكە تارىخى (پولات قادىرى)

14. ئۇيغۇر مىللىتى (دەيۋىد بىرۇفى)

15. ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى (مۇسا تۈركىستانىي)

16. سۇلتان سەئىدخان (ھاجى مىرزاھىد كەرىمى)

17. خىتايدىكى ئۇنتۇلغان خەلق (نىك خولدستۇك)

18. تارىخ ساۋاقلىرى (يولداش ئەزەمەتوف)

19. شەرقىي تۈركىستان (ھەمدۇللاھ مۇھەممەت تارىم)

20. ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى (نۇشىرۋان يائۇشېف)

21. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنى ئاساسىي قانۇنى (د. ئالىمجان بۇغدا)

22. قان تامچىلايدىغان دەرەخ (نىك خولدىستۇك)

 

 دىنىي كىتابلار

1. ئىسلام ئەقىدىلىرى (مۇھەممەت يۈسۈپ)

2. بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسېپى (مۇھەممەت يۈسۈپ)

3. ياخشىلار باغچىسى (مۇھەممەد سالىھ، نەزىرە مۇھەممەت سالىھ تەرجىمىسى)

4. قۇرئاننىڭ سايىسىدا (سەييىد قۇتۇپ)

5. مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى (مۇھەممەد قۇتۇپ)

6. شېرىن بۇلاق (سەفيۇر رەھمان مۇبارەكفۇرى)

7. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف مۆجىزىلىرى (ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى)

8. يېگانە ياراتقۇچى (يارمۇھەممەت جالالىدىن)

9. ئىسلام ئەخلاقى (مۇھەممەت يۈسۈپ)

10. قۇرئان ئىلىملىرى (مەننائ خەلىل ئەلقاتتان)

12. ئىسلام دىنىدىن ساۋات (ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن؛ مۇھەممەت يۈسۈپ)

13. ئىسلام، ئىلىم-مەرىپەت، ۋەتەن ۋە مىللەت (ئابدۇراھمان جامال)

14. قۇرئاندىكى سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلىرى (ئابدۇراھمان جامال)

15. غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز (مۇھەممەت يۈسۈپ)

16. قەلبنى پاكلاش (د.مۇئاز سەئىد ھەۋۋا)

17. ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (مۇھەممەت يۈسۈپ)

18. ئىسلامنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرى (يۇسۇف قەرزاۋىى)

19. ئىسلامدىكى جىھاد (تاھىرجان ئابباس)

20. ناماز (مۇھەممەت يۈسۈپ)

 

سىياسىي، پەلسەپەۋى كىتابلار

1. 1937.1957.2017 (ئەسئەت سۇلايمان)

2. ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

3. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

4. ئۇيغۇر قەتلىئامى (مەمتىمىن ئەلا)

5. يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم (ئىزچىمەن)

6. دۇنيا تەرتىپى (ھېنرى كىسىنگېر)

7. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق يولىدا ئىزدىنىش (زۇلپىقار)

8. ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا (مەمتىمىن ئەلا)

9. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى (سەيمىل خانتىڭتون)

10. مەمتىلى ئەپەندى (يالقۇن روزى)

11. مەھبۇس روھلار (ئابدۇۋەلى ئايۇپ)

12. ئاق لەيلىگۈل دۆلىتىدە (گېرگورى پېتروف)

13. 1984 (جورج ئورۋېل)

14. ئۇچار ئۇنىۋېرسىتېت (ئۈمىد شىمشەك)

15. ئەينەك (زۇلپىقار)

16. تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى (ناپالېئون خېئول)

17. ئۇيغۇرلار يوقۇلۇپ كېتەمدۇ (ئابدۇرېھىمجان ئابدۇرەشىد)

 

ئەدەبىي، ئىلمىي، نەزەرىيەۋى ئەسەرلەر

1. ئويغانغان زېمىن (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

2. ئانا يۇرت (زوردۇن سابىر)

3. ئىز (ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر)

4. گۇگۇم (غۇلام ئوسمان)

5. باھادىرنامە (ياسىنجان سادىق)

6. سەۋدا (غۇلام ئوسمان)

7. قەھرىمانلىق دەۋرى (غۇلام ئوسمان)

8. سەرسان روھ (ئەخەت تۇردى)

9. خەير-خوش قۇياش (مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد)

10. كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن (سۆيۈنگۈل جانىشېف)

11. پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى (پەرھات تۇرسۇن)

12. ئالتۇن كەش (خالىدە ئىسرائىل)

13. جەننەتكە تۇتاشقان يول (غۇلام ئوسمان)

14. يۈزىمىز، ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

15. چوڭ شەھەر (پەرھات تۇرسۇن)

16. ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى (يالقۇن روزى)

17. مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

18. تەنقىدنىڭ كۆزىدە (يالقۇن روزى)

19. ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق)

20. تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما (يالقۇن روزى)

21. ئابدۇرېھىم دۆلەت لېكسىيەلىرى (ئاۋازلىق ئەسەر؛ ئابدۇرېھىم دۆلەت)

22. ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت (ئاۋازلىق ئەسەر)

23. ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

24. مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى (ناپالېئون خېئول)

25. ئىنسان تەبىئىتىدىكى يورۇقلۇق (دالې كارنېگ)

26. قۇم باسقان شەھەر (مەمتىمىن ھوشۇر)

27. سەيياھلار ئىزىدىن (زۇلھايات ئۆتكۈر)

28. ماسون تەشكىلاتىنىڭ قىسقىچە تارىخى (ئېلكىتاب)

29. قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ (دالې كارنېگ)

30. پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز (مۇھەممەت يۈسۈپ)

31. دېموكراتىزم ۋە مائارىپ (جون دېۋېى)

32. جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى

 

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ كىتابلارنى كىتاب جاۋىنىدىكى كىتابلاردىن تاللىدىم، بەلكىم نى ئېسىل كىتابلار قېلىپ قالغاندۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن. تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار تىزىملىكى سىزنىڭ كىتاب تاللىشىڭىزغا، كىتابلىرىڭىزنى تولۇقلىشىڭىزغا، كىتاب ئوقۇشىڭىزغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

 

2021-يىلى 9-سېنتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 3288 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2021 10:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق