يەنە بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئۆچۈرۈش تەلەپ قىلىندى

ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت بۈگۈن ۋايلى تور كۇتۇپخانىسىدىن بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىسىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ليۇ ۋەنچۈەن ۋە باشقا بىرلەشمە ئاپتورلار 2018-يىلى ئېلان قىلغان چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا ئالاقىدار تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىش ئاساسىدا يېزىلغانلىقىنى سەۋەبلىك، ۋايلى تور كۇتۇپخانىسىدىن مەزكۇر ئىلمىي ماقالىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليۇ ۋەنچۈەن ۋە قوشۇمچە ئاپتورلار داليەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كورىيە مىللىتىدىن بولغان يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ يۈز سۈرىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلىغان بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.

خىتاي رېجىمى خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن مەزكۇر تەتقىقاتتا: «چىراي تونۇشنىڭ چېگرانى كونترول قىلىش، تاموژنا تەكشۈرۈش ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكتە قوللىنىشچانلىقى زور» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ ۋەنچۈەن ئاۋسترالىيەدىكى كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا 20 يىلغا يېقىن  ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا خىتايدىكى سۈن جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي تەتقىقاتچى ليۇ ۋەنچۈەن ۋە ۋايلى تور كۇتۇپخانىسىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى دۇنياغا داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللاردىن «خەلقئارالىق قانۇنىي مېدىتسىنا ژۇرنىلى» بىلەن «ئىنسان ئىرسىيىتى ژۇرنىلى»مۇ ئىككى خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئىشلىتىش ئاساسىدا ئېلان قىلغان ئىككى تەتقىقات ماقالىسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىيولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنى مەجبۇرىي توپلىشى ۋە بۇ مەلۇماتلارنى چىراي تونۇش، نوپۇس چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە ئىشلىتىلىشى يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە كەڭرىلىكى ۋە كۆلىمىنىڭ زور ئىكەنلىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1651 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق