خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 18-سېنتەبىر سىناق تەرىقىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا بىرتۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىشنى بېكىتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» 13-سېنتەبىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 18-سېنتەبىر سائەت 12:00دە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىرتۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىشنى بېكىتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇقتۇرۇشتا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، غۇلجا، كورلا، چۆچەك، قومۇل، تۇرپان، بورتالا، ئالتاي، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئاتۇش، شىخو، كۇيتۈن قاتارلىق 16 شەھەردە بىر كۈن ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ قېتىم بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2005-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى 18-سېنتەبىرنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى سىناق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق جايلىرىدا ئاۋاز ياڭراتقۇسى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارادىكى زوراۋانلىقى، ئۆكتەملىكى سەۋەبلىك دۈشمىنىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئەندىشىسىنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇ خىل سىناقلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە قورقۇنچ سېلىش ۋە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2184 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2021 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق