خىتاي ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايىتىنى تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلىماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇزۇن تارىخقا، قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىپ يوقىتىش جىنايىتىنى «خەلقنىڭ رايى»، «شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» دېگەندەك ناملار بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا بىنا قىلىنغان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يەكەن كونا شەھىرىنى ئاتالمىش «جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كونا شەھەردە كىشىلەر بارغانسېرى زىچلىشىپ، كوچىلار بارغانسېرى تارلاشتى، ئەخلەتلەر شامالدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان كەپىلىك رايونغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن باھانىلەر بىلەن پۈتۈنلەي چېقىپ ئۆزگەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن كونا شەھەر رايونى 5.16 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ،  48 مىڭ 669 ئائىلە، 219 مىڭ ئاھالە بار ئىكەن. خىتاي ئاتالمىش «خەلق رايى قۇرۇلۇشى» دېگەن نام بىلەن  2018 - يىلى 4-ئايدىن تارتىپ يەكەن كونا شەھەردىكى قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان بولۇپ،  بۇ يىل 9-ئايدا چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى پۈتۈنلەي تاماملانغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېڭى قۇرۇلۇشلاردا ئەسلى ھالەتنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى، يېتەرلىك تۆلەم بېرىلگەنلىكىنى، خەلقنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يەكەنگە ئوخشاش ناھىيە، شەھەرلەردە قويۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنى بۇ جايلاردا مەركەزلىك ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1692 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2021 12:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق