خىتاي باش ئەلچىسى پارلامېنت بىناسىدىن چەكلەندى

ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشتە يەنە داۋالغۇش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ ئەسلى بۈگۈن ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىر يىغىنغا قاتناشماقچى بولغان. ئەمما كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە، تۆۋەن پالاتا رەئىسى لىندسى ھويل (Sir Lindsay Hoyle) ۋە يۇقىرى پالاتا رەئىسى جون مىكفول (John McFall) ئايرىم-ئايرىم قارار چىقىرىپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ئۇلار خىتاي رېجىمى ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغۇچە، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىدا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىنغا قاتنىشىش پىلانىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۇقىرى، تۆۋەن پارلامېنتنىڭ رەئىسلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي باش ئەلچىسىگە رۇخسەت بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەكتۇپىدا خىتاينىڭ بەش پارلامېنت ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي باش ئەلچىسىنى پارلامېنت بىناسىدىن چەكلەش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تىۋىتتېر ھېسابلىرىدا بۇ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، شۇنداقلا ئەگەر خىتاي رېجىمى جازا يۈرگۈزۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرماقچى بولسا، چوقۇم بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

خىتاي باش ئەلچىخانىسى بولسا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر قارارنىڭ ئىككىلا تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «پەسكەشلىك، يارىماسلىق» دەپ جار سالغان.

خىتاي بۇ يىل 3-ئايدا «خىتايغا قارا چاپلىدى، يالغان ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن باھانە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بەش پارلامېنت ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنىڭ، خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەت-كارخانىلىرى بىلەن سودا قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «خىتايدىكى مال-مۈلكى»نىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، دەپ قارالغانىدى.

بۇ خەۋەر 1685 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2021 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق