تۆت كۈن داۋاملاشقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 13-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، سوتتا 27 نەپەر مۇتەخەسسىس ۋە سەككىز نەپەر گۇۋاھچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈكىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا پاكىتلىق ھەمدە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
سوت 10-سېنتەبىر باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ سابىق مۇخبىرى، كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسېن رۇسىر قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى نۇرغۇنلىغان جىنايى ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان.
شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇت دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئايال، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاق شاھىتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، خىتاينىڭ تولۇق يېتىلىپ بولغان بوۋاقلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئەشەددىي قيىىن -قىستاقلار ھەققىدە تەپسىلى گۇۋاھلىق بەرگەن.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم لاگېردا بىر يىلدىن ئارتۇق سولانغان قازاقىستانلىق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى گۇۋاھلىق بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېردا قىز-ئاياللار دۇچ كەلگەن خورلۇقلار ۋە ئىسلامغا ھاقارەت قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىس ئېتان گۇتمان خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
گېرمانيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. باش سوتچى جېفرىي نايىس ئەپەندى بو قېتىمقى سوتنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارغا تايىنىدىغان مۇستەقىل سوت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سوتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىغا چىدىيالماي: «بۇ سوت خىتاينىڭ نامىنى بۇلغاشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ بىلجىلىغان. باش ئەلچى جېڭ زېگۇاڭ 10-سېنتەبىر يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىدىغان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە يەنە داۋاملىق مەلۇمات توپلايدىكەن.