خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى مەسخىرە قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ قانىتىنى ئىلەڭگۈچ قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى سىننى يوللاپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى مەسخىرە قىلدى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاۋ بۇ سىننى «ئىمپېرىيە ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرى قەبرىستانلىقى، تالىبان ئۇلارنىڭ ئايرۇپىلانلىرىنى ئىلەڭگۈچ ۋە ئويۇنچۇققا ئايلاندۇردى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، بۇ باياناتچىنىڭ تىۋىتىنى 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆرگەن.

كۆرۈنۈشلەرنىڭ قاچان ۋە قەيەردە تارتىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەنمىگەن بولۇپ، كۆرۈنۈشلەردە تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئايروپىلان قانىتىدىن ياسالغان ئىلەڭگۈچتە ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئانالىزچىلار، خىتاي باياناتچىسى ھەمبەھىرلىگەن بۇ كۆرۈنۈش ۋە ئۇنىڭ يازغان سۆزلىرى بىلەن ئامېرىكىنى مەسخىرە قىلماقچى بولۇشى دىپلوماتىيە ئەخلاقىغا ئەسلا ياراشمايدىغان پەسكەشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق