ئىگىلىنىشچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ شەرقىدىكى فۇجىيەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 64 كە كۆپەيگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇ تىيەن شەھىرىدە 10-سېنتەبىردىن باشلاپ 64 كىشىدە خىتاي ۋىرۇسى بايقالغانلىقى، بۇنىڭ 32 سىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سەھىيە تارماقلىرى 64 بىمار بىلەن قويۇق ئالاقىلاشقان 841 كىشىنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقىلاشقان 1690 كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش تارىخىنى ئىز قوغلىغان ۋە جەمئىي 1293 ئادەم تېببىي كۆزىتىشكە قويۇلغان.
يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر ، پۇ تىيەننىڭ شيەنيوۋ رايونىدا 196 مىڭ 758 ئادەم تەكشۈرۈلگەن. يەرلىك مەنبەدىن يۇقۇملانغانلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، 121 مىڭ 87 ئەۋرىشكە ئانالىزنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
دېلولار ئەڭ مەركەزلەشكەن فېڭتىڭ رايونى «خەتەرلىك رايون»، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 3 يېزا «ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون» دەپ ئېلان قىلىنغان.
بۇ ئەھۋاللار يۈز بەرگەندىن كېيىن ، خىتاي سەھىيە كومىتېتى يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئۈچۈن رايونغا مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. فېڭتىڭ بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 6 يېزىدىكى پۇقرالارغا كەڭ كۆلەمدە ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى باشلانغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، فۇجىيەن ئۆلكىسىگە باغلىق پورت شەھىرى شىيامىندا بايقالغان ئىككى يۇقۇمدار سەۋەبلىك تونگان ۋە سىمىڭ رايونى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسى كارانتىنغا ئېلىنغان.