تىرامپنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە ھەققىدىكى سۆزلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدە يەر ئالدى.

ھۆررىيەت تورىنىڭ 14 – سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ترامپ بايدېننىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈپ دۆلەتنى زور خەتەرگە دۇچار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە روسىيە بىلەن خىتاينىڭ رايوندا قالغان بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن قورال – ياراقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يېڭى قوراللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دونالد ترامپ بىر سۆھبەت پروگراممىسىدا، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارى بىلەن بىر تەرەپتىن دۈشمەنگە ياردەم بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتنى زور خەتەرگە دۇچار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندا قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ترامپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئافغانىستاندا قالغان ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ سۆزىدە يەنە: «مەن سىزگە كەسكىن ھالدا شۇنداق دەيمەنكى، ھازىر خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاللىبۇرۇن تىك ئۇچارلىرىمىزنى ئېلىپ بولدى ۋە ئۇلارنى پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ قانداق ياسالغانلىقىغا قاراۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشتا ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلەردۇر. ئۇلار بىزنىڭ قوراللىرىمىزغا ئوخشاش ياساش ئۈچۈن ئۇلارنى پارچە پارچە چۇۋۇۋاتىدۇ. بۇ نومۇسسىزلىقتۇر» دېدى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا 2001-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەخمىنەن 83 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال – ياراق ۋە مەشىق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ خەۋەر 1076 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق